ئەلدەربەگ بىلوگى

يېڭى يازما كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئون چوڭ پايدىسى

كىتاپ ئوقۇشنىڭ ئون چوڭ پايدىسى
1.نىرۋىنى غىدىقلايدۇ ،نىرۋا ئويغاق ھالەتتە تۇرسا ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ  2.بېسىمنى يىنىكلىتىدۇ ،ئادەملەردە ھەر خىل بېسىم بولىدۇ ،كىتاپ ئوقۇپ بەرسە بېسىم يىنىكلەيدۇ  3.بىلىمنى كۆپەيتىدۇ ،بىلىم ئېلىشنىڭ يولى ئىككى بىرى كىتاپ يەنە بىرى ئەمەلىي كەچۈرمىش ، 4.سۆز بايلىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ ،كىتاپنى كۆپ ئوقۇغانلارنىڭ سۆز بايلىقى ئاشىدۇ ،نۇتۇقى كۈچىيدۇ  5.ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ ،ئوقۇغان مەزمۇنلارنى ئەستە ساقلاش مەشىقى ئىلىپ بېرىلىدۇ ،ش...

يېڭى يازما يول بەردىم

يول بەردىم
ئۆتـىۋېلىــپ ئالدىمـغا قاۋىغــانغا يــول بەردەم ، ئۆتەلمىسە كەينىـمدىن تالىــغانغا يول بەردىم . ياخشىلىققا ياماشسام يەنە پۇتتلاپ توختىماي ، نەپرەت بىلەن كۆزۈمگە قارىغـانغا يول بەردىم . مېنمەك بولدى بوينۇمغا بىلمەسلەرگە سالغاندا ، دەسسەپ ئۆتتى نەچچە رەت يىقىلغاندا تالغاندا ، تۈلكە&...

يېڭى يازما بۇ ئ‍ككى ھىكايىنى دوستلىرىمگە تەۋسىيە قىلىمەن !

بۇ ئ‍ككى ھىكايىنى دوستلىرىمگە  تەۋسىيە قىلىمەن !
1-ھىكايە چىڭقى چۈش، بىر يايمىكەش ئايال ھارغىن ھالەتتە يولدىن ئۆتكەنلەرگە ئۈمىد بىلەن بىقىپ ئولتۇراتتى، يولدىشى ۋىلسىپىت بىلەن ئۇنىڭغا بىر بۇتۇلكا سوغۇق چاي بىلەن ئىسسىق ناننى ئىلىپ كەلدى ۋە بىر سىركاي چاينى قۇيغاچ: يولدا ئازراق ھايال بوپ قالدىم، كەچۈرگىن دىدى. ئايال ئىللىق كۈلۈمسىرەپ: ياقەي، قورسىقىم ئاچمىدى، سىزمۇ يەڭە ئىسسىق ناندىن،-دىدى بىر پارچە ناننى يولدىشىغا سۇنۇپ. يولدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتقان ئاق پىشماق، سىمىز ئايال بۇ يايمىچىغا نەزەر تاشلاپ سۆز ئاچتى: تومۇز ئىسسىقتىمۇ نا...

يېڭى يازما دوستۇمغا سۆز

دوستۇمغا سۆز
دۇستۇڭ  باردۇر  سانى يۇق ، ۋاي ئ‍اداش  دەپ ھالى يۇق. كۇن  چۇشكەندە   بىشىڭغا ، ئ‍اشۇ  دۇستلار ، بارمۇ يۇق.  خۇشال كۇلگەن ۋاقتىڭدا ، شۇ دۇسلۇرۇڭ    پەرۋانە. كۇلكەڭ  يىغا  بۇپ  قالسا، بەزلەيدىغىنى بارمۇ  يۇق. ھەممە  نەرسەم تەل دىمە ، مەندە   بارى  ، سەندە  يۇق. ئ‍ايرىلپ  باق      تۇقلۇقتىن ، ئ‍اچ قالغاندا    ب...

ئادەم بولماق تەس

ئادەم بولماق تەس
مەرھۇم شائىر روزا سايىت «دېھقان بولماق تەس» دەپ بىر شېئىر يېزىۋىدى، «موللام بولماق تەس»، «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەندەك تەقلىد شېئىرلار، ھەتتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ئەپسانە شېئىرلار مەيدانغا كەلدى، بىرسى چىقىپ «ئادەم بولماق تەس» دېگەندەك شېئىر يازدىمۇ يوق، ئۇقمايمەن. ئەمما «ئالىم بولغىچە ئادەم بول»، «ئادەم بولماق ئەڭ چوڭ شەرەپ، ئەڭ چوڭ ئۇنۋان» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. «ئادەم بولماق» دېگەن سۆز تىلىمىزدا ئىككى مەنىدە قوللىنىلماقتا: بىرىنچىسى، چوڭ بولۇپ ئىشقا يارىغۇدەك بولماق؛...

كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى

كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى
كىتاب-بىلىم بۇلىقى.ئادەم كىتاب ئۇقۇسا روھى ئوزۇققا ئىگە بولۇپلا قالماستىن،بىلىمىمۇ ئاشىدۇ، شۇنداقلا سالامەتلىكىمۇ پايدىلىق.كىتاب ئۇقۇش بىلەن سالامەتلىك قارىماققا ئىككى خىل ئۇقۇمدەك كۈرۇنسىمۇ ،پىسخولوگىيە نوقتىسىدىن قارىغاندا ،كىتاب ئۇقۇش بىلەن سالامەتلىك ئوتتۇرسىدا ھەقىقەتەن مۇئەييەن باغلىنىش بار. گېرمانىيىلىك دوختۇرلار ئاغرىقلار ئۈچۈن كۇتۇپخانا قۇرۇپ،كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ،سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تېزلەتكەن. ئىتا...

ئىقتىدارلىقلارمۇ مەغلۇپ بولىدۇ

ئىقتىدارلىقلارمۇ مەغلۇپ بولىدۇ
نېمە ئۈچۈن ئىقتىدارلىق ئادەملەرمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ؟ ئامېرىكا خارۋارد سودا ئىنىستىتۇتى ھاياتلىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى جامېس ۋاردپۇ بىلەن دوكتۇر تېموتى ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىپادىسى تازا ياخشى بولمىغان، ھەتتا خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىش خەۋپىگە دۇچ كېلەي دەپ قالغان خادىملارغا ياردەملىشىپ ئەجەللىك نۇقسان ھېسابلىنىدىغان 12 خىل ھەرىكەت ئەندىزىسىنى يىغىنچاقلىدى. ئۆزىنى يارامسىزدەك ھېس قىلىش: ئەقىللىق،تەجرىبىلىك بىر قىسىم ئادەملەر ئەمىلى ئۆسكەندە ئىشەنچنى يوقىتىپ خىزمە...

ئاناڭ شۇ

ئاناڭ شۇ
سۈبھى دەمدە، پېشانەڭگە يېنىك سۆيۈپ، سېنى ئۇيقۇ ئالىمىدىن ئىللىق مېھرى بىلەن ئويغىتىدىغان يېڭى تاڭ ساباسى ئاناڭ شۇ. بىر كۈنلۈك ئەمگەك قاينىمىدىن قاتتىق چارچاپ، قەدەملىرىڭنى تەسلىكتە يۆتكەپ، ئېغىرلاشقان گەۋدەڭنى نائىلاج كۆتۈرۈپ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس باغچىغا قەدەم ئالغىنىڭدا، مېھىر – مۇھەببەتنىڭ خۇش پۇراق، رەڭدار گۈللىرىنى جۇلالاندۇرۇپ ساڭا زور ئىشتىياق بىلەن تەقدىم ئەتكىنى ئاناڭ شۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەگرى – توقاي دوقمۇشلىرىدا چوڭقۇر يار لېۋىگە مەھكۇم بولغىنىڭدا، سېنى ئۆزىنىڭ بىر جۈپ ق...

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ

يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ
مۇشۇ كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ دېگەن سۆزىنى ھەقىقەتەن ھېس قىلىۋاتىمەن. بەزىدە تۇرۇپلا يۈرىكىم قاتتىق ئاغرىيدۇ، يۈرىكىمنى قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ باققۇم كېلىدۇ، ئۆيدە بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئولتۇراتتىم، بۈگۈن ھاۋا سوغۇق بولغاچ ھېچ ئىش قىلىش خوش ياقمايۋاتاتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى، ئىشىكنى ئېچىۋېدىم، ئەللىك ياشلاردا بار بىر ئەر كىشى ئېغىزىنى ئۆمەللەيدۇيۇ گەپ چىقمايدۇ، چىراي-تۇرقىدىن، كىيىم-كېچەكلىرىدىن نامراتلىقى چىقىپلا تۇرىدىغان بۇ ئادەم خېلى كۈچىگەندىن كېيىن كېكەچلەپ...

خەتتاتلىق قىلىپ باقتىم

خەتتاتلىق قىلىپ باقتىم
مەرھابا دوستۇم خۇشكەپسىز ! تەتىل بولغاندىن بىرى ئۆي ئىشلىرى بىلەن ئۆيدە بولدۇم. بۇ جەرياندا يەنىلا تور بەت ياساش تېخنىكىسىنى ئۈگەنگەچ ئاز تۇلا خەتتاتلىقمۇ قىلىپ باقتىم . قەلەم تۇتمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن خىلى تەس كەلدى ، تۇلۇقسىزدا ئۇقىۋاتقاندىغۇ دەيمەن سىنىپىمىزدىكى بالىلارنىڭ يازغىنىنى كۆرگەن ئىدىم . ئەسلىمەم ئاساسىدا يېزىلدى . گەرچە كەسپى خەتتات ياكى كەسپى خەتتاتلىق بىلەن شۇغۇنلانمىساممۇ ، مۇشۇ كىچىككىنە تەجىربە...